ئەردوغان لىۋىيە مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  ئىستانبۇلدا لىۋىيە مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ  باشلىقى فەيز مۇستافا ئەسسەرراج بىلەن كۆرۈشتى.

ئەردوغان لىۋىيە مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىشتا، ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىدىن كېيىنكى لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، چارشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم بولغاندىن كېيىن، لىۋىيەدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى 12 – يانۋار يېرىم كېچىدە ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرغانىدى. لىۋىيە ئۆزئارا توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرمۇ بۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن، بۈگۈن كېچە شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دە، ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 1 دە ئۇرۇش توختىتىش باشلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر