قالىن: لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى تۈركىيەنىڭ تىنچلىق دىپلوماتىيەسىنىڭ نەتىجىسى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن لىۋىيە ۋە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنىڭ تۈركىيە يولغا قويۇۋاتقان تىنچلىق دىپلوماتىيەسىنىڭ ئەڭ  روشەن نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

قالىن: لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى تۈركىيەنىڭ تىنچلىق دىپلوماتىيەسىنىڭ نەتىجىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە لىۋىيە ۋە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، تۈركىيە يولغا قويۇۋاتقان تىنچلىق دىپلوماتىيەسىنىڭ ئەڭ روشەن نەتىجىسىدۇر. دەرۋەقە، دىپلوماتىيە يىراق مۇساپىلىق نىشانغا يېتىش مېتودى بولۇپ، تۈركىيەنىڭ بۇ دائىرىدىكى نىشانى، دۆلىتىمىز ھەم رايونىمىزدا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە پاراۋانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر