ئاكار ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمېس جېفرېي (James Jeffrey) بىلەن كۆرۈشتى.

1338623
ئاكار ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مىنىستىر ھۇلۇسى ئاكارنىڭ ئامېرىكا سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمېس جېفرېينى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يۇنۇس ئەمرە كارائوسمانئوغلۇمۇ بىرگە بولغان   كۆرۈشۈشتە، سۈرىيە مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى بويىچە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر