«تۈركىيە ئىراقنىڭ چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش ساھەسىگە ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش ساھەسىگە ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1338581
«تۈركىيە ئىراقنىڭ چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش ساھەسىگە ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئىراق پايتەختى باغدادتا ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد ئەلى ئەلھېكىم بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. چاۋۇشئوغلۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بۇ زىيارەت ئارقىلىق بىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرمەكچى بولغان سىگنالىمىزنىڭ ئۇقۇمى مۇنداق: ئىراق ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەستۇر، بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتۈش ئۈچۈن  بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز. بىز ئىراقنىڭ چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش ساھەسىگە ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر