«تۈركىيە ھەمىشە ئىراقنى قوللايدۇ»
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىگە تۈركىيەنىڭ ھەمىشە ئىراق خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكى توغرۇلۇق سىگنال بەردى.
1338657
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى نەچىرۋان بارزانى ۋە باش مىنىستىرى مەسرۇر بارزانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيەنىڭ مۇشەققەتلىك پەيتلەردە ھەمىشە ئىراق خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، ئىراقلىقلارغا ياردەم بېرىش ھەم قوللاشنى دۋالاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئىشقا ئاشۇرغان خىزمەت زىيارىتى ھارپىسىدىمۇ، نەچىرۋان بارزانى ۋە مەسرۇر بارزانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.