چاۋۇشئوغلۇ زەرىف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1336998
چاۋۇشئوغلۇ زەرىف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىرانلىق مەنسەپدېشى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە رايوندا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.

ئۇچرىشىشتا يەنە، چاۋۇشئوغلۇنى ئىراندا چۈشۈپ كەتكەن ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر