چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1334651
چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بىلەن رۇسىيەلىك مەنسەپدېشى لاۋروۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە سۈرىيە، لىۋىيە ۋە ئىراقتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نالېدى پاندور بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر