ئەردوغان سومالى پىرېزىدېنتىغا تەزىيە بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، موقدىشۇدا يۈز بەرگەن قانلىق بومبىلىق ھۇجۇم مۇناسىۋىتى بىلەن سومالى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد ئابدۇللاھ فارماجوغا تەزىيە بىلدۈردى.

1331660
ئەردوغان سومالى پىرېزىدېنتىغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سومالى پىرېزىدېنتى فارماجو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سومالىدا تېررورچىلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بومبىلىق ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەن، يارىدارلارغا شىپالىق تىلىگەن.

سومالى خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرگەن ئەردوغان، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە سومالىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان.

شەنبە كۈنى سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئولتۇرغان بىر ئاپتوبوس ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەسنادا يۈز بەرگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا ئىككىسى تۈركىيە پۇقراسى بولۇپ جەمئىي 90 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر