پۇتىن رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە، سۈرىيەدە مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1331946
پۇتىن رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن، پۇتىننىڭ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تەبرىك تېلېگراممىسىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقى ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەلەردە ئۆزئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىستراتېگىيەلىك لايىھەلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى شۇنداقلا ئۈمىد بېغىشلىغۇچى ساھەلەرنىڭ بەلگىلەنگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ سۈرىيە مەسىلىسىدە، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«موسكۋا بىلەن ئەنقەرە سۈرىيەدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتا، بىرلىكتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشىغا ياردەمچى بولدى.»

ئۇ كېلەر يىلى (2020) رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 100-يىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇ مۇھىم خاتىرە يىلى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر