تۈركىيە ئالجىرىگە ۋىزىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئالجىرىيە پۇقرالىرىغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان ۋىزا رەسمىيىتىنى بىكار قىلدى.

1330722
تۈركىيە ئالجىرىگە ۋىزىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىمزاسى بىلەن «رەسمىي گېزىت» تە ئېلان قىلىنغان قارارغا ئاساسلانغاندا، 15 ياشتىن كىچىك ۋە 65 ياشتىن چوڭ بولغان بارلىق ئاممىۋى پاسپورتى بار ئالجىرىيە پۇقرالىرىدىن، تۈركىيەگە قىلىدىغان ھەر 180 كۈنلۈك ساياھىتى جەريانىدا، 90 كۈن تۇرسا ۋىزا رەسمىيىتى تەلەپ قىلىنمايدىكەن.

بۇ قارار، 6458 – نومۇرلۇق چەت ئەللىكلەر ۋە خەلقئارالىق شەخسلەرنى قوغداش قانۇنىنىڭ 18 – ماددىسىغا ئاساسەن چىقىرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر