دىيارباكىردا يەنە بىر ئانا پەرزەنتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقازدى

دىيارباكىردا يەنە بىر ئانا 99 كۈن داۋاملاشقان ئولتۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى سايىسىدا، 5 يىلدىن بېرى جۇدالىق ئازابى چېكىۋاتقان پەرزەنتىگە ئېرىشتى.

1329989
دىيارباكىردا يەنە بىر ئانا پەرزەنتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقازدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغان پەرزەنتلىرىنى تېپىش ئۈچۈن دىيارباكىردا خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى ۋىلايەتلىك بىناسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئائىلىلەردىن ھۇسنىيە كايانىڭ قىزى مەكىيە پ ك ك نىڭ ئىراقتىكى بازىسىدىن قېچىپ، ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىغا تەسلىم بولدى.

دىيارباكىرلىق ئەر ئايال ھۇسەيىن ۋە ھۇسەينىيە كايا 5 يىل ئىلگىرى، 14 ياش ۋاقتىدا تېرررولۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن سۈرىيەگە ئېلىپ قېچىلغان قىزى مەكىيە ئۈچۈن 8سىنتەبىردىن بېرى خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى ۋىلايەتلىك بىناسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ نامايىش قىلىشقا باشلىغان ئىدى. 

ئانا ھۇسەينىيە كايا ئولتۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى 99 كۈندىن بېرى خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى ۋىلايەتلىك بىناسى ئالدىدا داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قىزى مەكىيە 21دېكابىردا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قېچىپ، ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىغا تەسلىم بولدى.

تۈركىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن كېيىن، مەكىيە شىرناكقا قاراشلىق سىلوپى ناھىيەسى چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.

مەكىيە كايانىڭ بۈگۈن كۈندۈزدە ئائىلىسى بىلەن دىدارلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەر ئايال ھۇسەيىن ۋە ھۇسەينىيە كاياغا تېلېفون قىلىپ، مەكىيەنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ۋە بۈگۈن كۈندۈزدە پەززەنتلىرىنى ئۇلارغا تاپشۇرىدىغانلىقى ھەققىدە خۇشخەۋەر بەردى.

دادا ھۇسەيىن كايامۇ پەرزەنتىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن خوشال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا رەخمەت ئېيتتى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر