ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ 58 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

1328931
ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىلھام ئەلىيېۋگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىلىگەن ۋە خىزمىتىگە مۇۋەپپەقىيەت، تىنىگە سالامەتلىك تىلىگەن. پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىگە تېلېفون قىلغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتقان.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىق ساھەلەر بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدىن پەيدا بولغان مەمنۇنلۇق تىلغا ئېلىنغان. مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر