فاھرەتتىن ئالتۇن: «سەئۇدى ئەرەبىستان سوتى دۇنيانىڭ ئەقلىنى مەسخىرە قىلماقتا»
جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، سەئۇدى ئەرەبىستان سوت مەھكىمىسىنىڭ ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى جىنايىتىگە ئالاقىدار قارارىغا «دۇنيانىڭ ئەقلىنى مەسخىرە قىلغانلىق» دەپ باھا بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، تۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان سوت مەھكىمىسىنىڭ قاشىقچى جىنايىتى ئۈستىدە ئايلارغىچە داۋاملاشقان مەخپىي سوتلاردىن كېيىن، تۈنۈگۈن (2019-يىلى 23-دېكابىر) شەرمەندىلەرچە بىر قارار ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فاھرەتتىن ئالتۇن: «جىنايەت گۇرۇپپىسىنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئىستانبۇلغا يوللىغان ۋە قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈش پەرمانىغا ئىمزا قويغان، ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەسىتىنى يوقىتىپ تاشلىغان شۇنداقلا جىنايەتنى گېلەمنىڭ ئاستغا سۈپۈرۈپ قويماقچى بولغان كىشىلەرگە قانۇن چېقىلالمايدىغان ھوقۇق بېرىلدى. <بۇ جىنايەتنى بىر ئۇچۇم ئىستىخبارات خادىملىرى سادىر قىلغان> دېيىش، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، دۇنيانىڭ ئەقلىنى مەسخىرە قىلغانلىقتۇر، تۈركىيە بۇ ۋەقەنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى 2018 – يىلى توي رىسمىيەتلىرى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كوتسۇلخانىسىغا كىرگىنىدە، ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.