«بۇنىڭدىن كېيىن كۆچمەنلەر مەسىلىسى ياۋروپانىڭ مەسىلىسىگە ئايلىنىدۇ»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك بۇنىڭدىن كېيىن كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدىنمۇ بەكرەك تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ۋە ياۋروپانىڭ مەسىلىسىگە ئايلىندىغانلىقىنى ئېيتتى.

1328941
«بۇنىڭدىن كېيىن كۆچمەنلەر مەسىلىسى ياۋروپانىڭ مەسىلىسىگە ئايلىنىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەلىك، كۈندىلىك مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدلىبتا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ۋە پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تەكرار كۆچمەنلەر ئېقىنى باشلاندى، بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە بۇ كۆچمەنلەر ئېقىنىنىڭ يۈكىنى يەككە - يېگانە ھالدا ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ، جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەمىشە تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىدەك، تۈركىيەنىڭ <بىخەتەر رايون شەكىللەندۈرۈلۈشى، بۇ رايونغا سۈرىيەلىكلەر قايتىدىغان تۇرالغۇلارنىڭ  بەرپا قىلىنىشى> قاتارلىق سىياسەتلىرى قوللاشقا ئېرىشەلمىسە، بۇنىڭدىن كېيىن، كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى پەقەت تۈركىيەنىڭلا مەسىلىسىدەك تونۇشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تامامەن ئاخىرلاشقانلىقىنى،  كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدىنمۇ بەكرەك تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ۋە ياۋروپانىڭ مەسىلىسىگە ئايلىندىغانلىقىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا جالارلايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر