تۈركىيە ئىشلەش ۋە ياشاش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى دۆلەت
تۈركىيە 163 دۆلەت ئارىسىدا ئىشلەش ۋە ياشاش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى 7 – دۆلەت بولدى.
1326920
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئەنگلىيەدىكى پۇل – مۇئامىلە تەتقىقات ئورنى، 163 دۆلەتتىن 18 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە ئىشلەۋاتقان چەت ئەللىكلەرنىڭ % 62 سى، «تۈركىيەدىكى ياشاش سەۋىيەسى بىزنىڭ دۆلەتلىرىمىزدىكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى» دەپ قارايدىكەن، تۈركىيە بۇ ساھەدە دۇنيا بويىچە 7 – ئورۇندا تۇرىدىكەن.