«تىكەنلىك سىم توسۇقلار ياۋروپانى قوغداپ قالالمايدۇ»
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تىكەنلىك سىم توسۇقلارنىڭ ياۋروپانى قوغداپ قالالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1326244
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەرنىڭ يۈكىنى ئۇدا 9 يىلدىن بۇيان يېگانە ھالدا ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، غەربنىڭ بولسا مەسىلىگە پەقەت بىخەتەرلىك ۋە مەنپەئەت نۇقتىسىدىنلا قاراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «غەرب ئەللىرى <تىكەنلىك سىم توسۇقلار ياۋروپانى كۆچمەنلەر ئېقىنىدىن قوغداپ قالالايدۇ> دەپ چوتنى خاتا سوقتى. بۇ مەقسەتتە ئۇلار ئاقدېڭىزدىكى كۆچمەنلەر ئولتۇرغان پاراخوتلارنى چۆكتۈرۈۋەتتى ۋە ئىنسانلارنى ئاقدېڭىزدا غەرق قىلىۋەتتى.»