چاۋۇشئوغلۇ: مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەدە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغىنىنى قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1324701
چاۋۇشئوغلۇ: مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىۋېيسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلغان «سۈرىيەلىك مۇساپىرلار كىرىزىسى» يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ 371 مىڭ سۈرىيەلىكنىڭ بىخەتەر شەكىلدە تۈركىيەدىن دۆلىتىدىكى يۇرت-ماكانلىرىغا قايتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىخەتەر ۋە ئۆزلىكىدىن قايتىشلارنىڭ مۇساپىرلار كىرىزىسىنى ھەل قىلىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. كېرەكلىك ماددىي ۋە بىخەتەرلىك شارائىتلىرىنى يارىتىش ھەمدە بىخەتەر ھالدا يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ئىشلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ شىمالىي سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۈچ ھەربىي ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى، ئىدلىب جىددىيلىكنى پەسەيتىش رايونىدىن كېلىدىغان يېڭى كۆچ دولقۇنلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «سۈرىيەدە مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىۋاتىمىز. مەسىلىنى ھەربىي جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. تۈركىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. كومىتېتنىڭ كېيىنكى قېتىملىق ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشمىز» دېدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر