ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئىنجىرلىك» مەسىلىسىنى ئوچۇق - ئاشكارا تىلغا ئالدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پالاتاسىنىڭ 1915 – يىلى ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار قارارى توغرىسىدا تونجى قېتىم ئىپادە بىلدۈردى.

1323659
ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئىنجىرلىك» مەسىلىسىنى ئوچۇق - ئاشكارا تىلغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان قەدەملەرنى تاشلىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە پالاتانىڭ قارارىغا «سىياسىي غەرەز يوشۇرۇنغان» دەپ باھا بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بىر تېلېۋزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ 1915 – يىل ۋەقەلىرىنى ئاتالمىش «قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان لايىھەنى قوبۇل قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «چىقارغان بۇ قارارىڭلارنىڭ قىممىتى يوق. چۈنكى بۇ قارارلىرىڭلار پۈتۈنلەي سىياسىيدۇر» دېدى.

تۈركىيەنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنڭمۇ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان قەدەملەرنى تاشلىماسلىقى ھەر ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىمدۇر. نۆۋىتى كەلگەندە ئولتۇرۇپ، بارلىق ھەيئەتلىرىمىز بىلەن (مۇزاكىرىلىشىپ)، تاقىۋېتىش كېرەك بولسا (ئادانادىكى) ئىنجىرلىك (ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسى) نىمۇ تاقايمىز، (مالاتيادىكى) كۈرەجىك (ناتو مۇداپىئە رادار سىستېمىسى) نى تاقايمىز. بۇلار بۇ خىل ئىشلارنى قىلسا، بىز قول باغلاپ قاراپ تۇرمايمىز. تۈركىيە قەبىلە دۆلىتى ئەمەس. ناھايىتى ئېنىق ۋە روشەن ھالدا ئەركىن – ئازادە شۇنى دېيەلەيمەنكى، ئامېرىكىدا ئىندىئانلار توغرىسىدا بۇنى دېمەسلىك مۇمكىنمۇ؟ ئىندىئانلارنىڭ تارىخى ئامېرىكىلىقلارنىڭ يۈزىنىڭ قارىسىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۈرىيە  كىرىزىسىدە بولسا، تۈركىيەنىڭ غېمىنىڭ نېفىت ئەمەس، سۈرىيەلىكلەرنىڭ خاتىرجەملىكىنىڭ قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى ئويلاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن ئۇنىڭ سۈرىيە قانىتى ي پ گ ئۇنسۇرلىرىنى «كورد» دەپ ئاتاشنىڭ كوردلارغا بىھۆرمەتلىك قىلىش بولىدىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

«بىز، پ ك ك غا قارشى كۈرەشنىڭ، دائېشقا قارشى كۈرەشكە ئوخشاش، قەتئىي ۋە ئورتاق ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى لازىملىقى قارىشىنى ياقلايمىز» دېگەن ئەردوغان، بۈگۈن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ ئولتۇرغانلارنىڭ كېلەچەكتىكى پالاكەتلەرنىڭ ئۇرۇقىنى سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر