سويلۇ پ ك ك نىڭ بۈگۈننىڭ تۈركىيەسىدە بۇرۇنقىدەك ياشلارنى تاغلارغا ئېلىپ قاچالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

سۈلەيمان سويلۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە، مىنىستىرلىق ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ 2020 – يىللىق خامچوتى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

1323503
سويلۇ پ ك ك نىڭ بۈگۈننىڭ تۈركىيەسىدە بۇرۇنقىدەك ياشلارنى تاغلارغا ئېلىپ قاچالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، مەكتەپكە بېرىپ كەسپ ئىگىلىشى كېرەك بولغان، ئانا مېھرىگە موھتاج بالىلارنى زورلۇق – زومبۇلۇق بىلەن مەجبۇرىي ئېلىپ كەتكەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ، نۆۋەتتە ياشلارنى بۇرۇنقىدەك تاغلارغا ئېلىپ قاچالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈلەيمان سويلۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە، مىنىستىرلىق ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ 2020 – يىللىق خامچوتى توغرىسىدا سۆز قىلدى. سۆزى جەريانىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش توغرىسىدا توختالغان سويلۇ، پائال كۈرەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۈنۈم سايىسىدا پ ك ك نىڭ ئەمدى ياشلارنى تاغقا ئېىلپ قاچالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ياۋروپانىڭ تارىخىنىڭ ئەڭ پاسسىپ ۋە ئاجىز دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە توختىلىپ، «گىرېتسىيە ۋە ئىتالىيە دېڭىز ساھىللىرىغا بېرىشقا ئۇرۇنغان بىر قانچە دانە كۆچمەنلەر كېمىسى، ياۋروپانى بارلىق مەدەنىيەت كودلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا يەتتى» دېدى.

سويلۇ، غەربنىڭ ھېچبىر مۆلچەرىنىڭ توغرا چىقمىغانلىقىنى، ۋاكالىتەن ئۇرۇشلىرى ئارقىلىق بېسىم ئاستىغا ئالماقچى ۋە مۇقىمسىزلاشتۇرماقچى بولغان شەرق مەدەنىيىتىنىڭ بولسا، نۆۋەتتە قايتىدىن يۈكسەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ ھەم رايون ھەم دۇنيادا ئويۇن ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان، ئىستراتېگىيە ئوتتۇرىغا قويىدىغان، ئۆز – ئۆزىگە تايىنىپ تىك تۇرۇۋاتقان بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن سويلۇ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر