ئەردوغان نوبېل تەشكىلاتىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بۈگۈن خۇددىي مىڭلارچە يىلنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ھېسسىياتى بىلەن ھەرىكەتكە كەلگەن بىر ھۇجۇمغا دۇچ كەلدۇق» دېدى.

1322738
ئەردوغان نوبېل تەشكىلاتىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەشتەپە خەلق كونگرە ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەدەنيەت-سەنئەت مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئۇ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا ئىراقنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ يا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغانلىقىنى ياكى ۋەيران قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بۇزغۇنچىلىقلار ۋە ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئافغانىستان بىلەن سۈرىيەدىمۇ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى؛ كىشىلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى مىڭلارچە يىللىق تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ بۇ جۇغراپىيەدە گۈللەنگەن بارلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنىڭ، غەربكە قارشى ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىما قىلىپ: «بۈگۈن خۇددىي مىڭلارچە يىلنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ھېسسىياتى بىلەن ھەرىكەتكە كەلگەن بىر ھۇجۇمغا دۇچ كەلدۇق. مۇسۇلمان بوشناقلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلغانلارنى كۆككە كۆتۈرىدىغان، قەلىمىدىن قان ۋە نەپرەت تامچىيدىغان بىر كىشىگە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىلدى. ناھايىتى ئەپسۇسكى، ناھايىتى ئاز كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرمىدى. ئەجىبا، مەسىلەن، ئوخشاش جىمجىتقىنە تەستىقلاش، 100 مىڭ ئىنگلىزنى، فىرانسۇزنى، ئىتالىياننى، نورۋېچنى قىرغىن قىلغان بىرسىگە نوبېل مۇكاپاتى بېرىلسە يەنە كۆرۈلەرمىدى؟ مەن ھەرگىز بۇنداق ئويلىمايمەن. بۇ ھەقىقەتلەر بىزگە، مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە بولماي تۇرۇپ، ياشاش ھوقۇقىمىزنىمۇ قوغدىيالمايدىغانلىقىمىزنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر