ئاقار، س-400 يولىدىن يېنىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، س-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىدىن ۋاز كېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتتى.

1321387
ئاقار، س-400 يولىدىن يېنىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە باش كۆتۈرگەن س-400 توغرىسىدىكى دەتالاشلارغا دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، بۇ سىستېمىدىن ۋاز كېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ سىستېمىنى ساقلاپ قالغان ھالدا قانداق بىر چارە تاپالايمىز، دېگەن نۇقتىغا مەركەزلىشىشىمىز كېرەك» دېدى.

خۇلۇسى ئاقار، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئىككىنچى بىر ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىر تەرەپتە س-400 نى تاپشۇرۇۋېلىش، يەنە بىر تەرەپتە بولسا، مىللىي ۋەيەرلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىمىز ئىككى قانات بويىچە داۋام قىلماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر