ئەردوغان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ھاندكېغا بېرىلىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئىرقچى بىر ئادەمگە بېرىلىشىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى مۇكاپاتلاشتىن باشقا ھېچقانداق ئۇقۇمنى ئىپادىلىمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1320917
ئەردوغان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ھاندكېغا بېرىلىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «10 – دېكابىر كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى؛ تېلېگراممسىىدا دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا خەۋپ پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك خاھىشىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «بۇ مەسىلىنىڭ ئەڭ چوڭ جاۋابكارلىرى، ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشنى بىر ئاۋاز بېلىتىگە ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالغان سىياسەتچىلەر، ئۆچمەنلىك ئىدىيەسىنى پىكىر ئەركىنلىكى دېگەن نام ئاستىدا نورمال قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان مېدىيا ۋە نۆۋەتتىكى قۇرۇلمىلىرى بىلەن دەۋرىمىزنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىگە چارە تاپالمايۋاتقان خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردۇر» دېدى.

ئەردوغان، 9 يىلدىن بۇيان سۈرىيەدىكى مىليونلارچە كىشىنىڭ پەريادىنى ئاڭلىماسقا سالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بۇ سۈكۈتى ئارقىلىق ئەڭ ئېغىر زەربىنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدە ئورۇن ئالغان قىممەت – قاراشلارغا ئۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئىرقچى بىر ئادەم (ئاۋسترالىيەلىك يازغۇچى پېتېر ھاندكې) گە بېرىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئەردوغان، «10 – دېكابىر كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى قىرغىنچلىقنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى ئاقلىغان ئىرقچى بىر ئادەمگە بېرىلىشى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى مۇكاپاتلاشتىن باشقا ھېچقانداق ئۇقۇمنى ئىپادىلىمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان تېلېگراممىسىدا، تۈركىيەنىڭ ئىنسان مەركەزلىك دۆلەت ئەنئەنىسىدىن ئالغان ئىلھامغا تايىنىپ دېموكراتىيە ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكلەر ساھەسىدىكى ئىسلاھات ئىرادىسىنى ئالدىمىزدىكى باسقۇچتىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر