ئەردوغان: گىرېتسىيە، ئىسرائىلىيە، مىسىر ۋە جەنۇبىي قىبرىس بىزدىن بىخەۋەر قەدەم تاشلىيالمايدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «گىرېتسىيە، ئىسرائىلىيە، مىسىر ۋە جەنۇبىي قىبرىس دائىرىلىرى بىزنىڭ ماقۇللىقىمىز بولماي تۇرۇپ (شەرقىي ئاق دېڭىزدا) قەدەم تاشلىيالمايدۇ» دېدى.

1320613
ئەردوغان: گىرېتسىيە، ئىسرائىلىيە، مىسىر ۋە جەنۇبىي قىبرىس بىزدىن بىخەۋەر قەدەم تاشلىيالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ت ر ت رادىيو – تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ئورتاق سۆھبەت پىروگراممىسىدا كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ سۆھبەت جەريانىدا، لىۋىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن ھەق – ھوقۇقلىرىدىن پايدىلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «شۇنداق قىلىپ گىرېتسىيەنىڭ پۇت – قولى باغلاندى، تىپىرلاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى بۇ» دېدى.

«(شەرقىي ئاق دېڭىزدا) ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە ئۇرۇپ، ئېلىپ كېلىشتى. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق بولمايدۇ، ئەمدى بىزمۇ ھەققىمىزگە ئىگە چىقىمىز» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇرغىلاش پاراخوتىدىن يەنە بىرنى ئالىمىز. پەقەت ئاقدېڭىزدىلا ئەمەس، قارادېڭىزدىمۇ، ھەتتا خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدىمۇ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  

ئۇ، بارلىق ساھىلداش دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى، ئادىل چارە تېپىش چارىقىلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

ئەردوغان، «لىۋىيە تۈركىيە ئەسكەرلىرى بارامدۇ؟» دېگەن سوئالغا بولسا، «لىۋىيە خالىسا، تۈركىيە بۇنىڭغا ئۆزى قارار قىلىدۇ، ھېچكىمدىن ئىجازەت ئالمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر