تۈرك باش ئەلچى نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيەنىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۇنت، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلغان ۋە مىلوسېۋىجقا قول قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئاۋستىرىيەلىك ھاندكې يۈزىسىدىن نوبېل مۇكاپات مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلمايدۇ.

1320771
تۈرك باش ئەلچى نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاققى ئەمرە يۇنت، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى قىرغىنچلىقنى ئىنكار قىلغان ۋە پۇرسەتلا تاپسا سابىق سېرب لىدېر سلوبودان مىلوسېۋېجكە قول قويىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىپ كەلگەن ئاۋسترىيەلىك يازغۇچى پېتېر ھاندكې يۈزىسىدىن نوبېل مۇكاپات مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ، ئالبانىيەنىڭ ستوكھولمدىكى ئەلچىخانىسىمۇ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا قۇربانلىرىنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىنى قوللاش ئۈچۈن 10 – دېكابىردىكى مۇراسىمنى بايقوت قىلىپ مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

شىۋېتسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى SVT مۇ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى پېتېر ھاندكېغا بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئەيىبلەش خېتى ئېلان قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتتى ۋە تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان ئىنگلىزچە باياناتقا ئورۇن بەردى.

خەلقئارا سوتتا ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە قىرغىنچىلىق سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىۋاتقان ئەسنادا ھاياتىدىن ئايرىلغان سېربىيەنىڭ سابىق لىدېرى سلوبودان مىلوسېۋىجنىڭ مەستانىلىرىنىڭ بىرى بولغان ھاندكې، كوسوۋودا ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە، «سېربلارنى قوللايمىز، دەس تۇرۇڭلار» دەپ يازغانىدى.

پېتېر ھاندكې سېربلارنىڭ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادە قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر