فىرانسىيە پۇقراسى 11 تېررورچى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، فىرانسىيە پۇقراسى 11 نەپەر چەت ئەللىك تېررورچىنىڭ دۆلىتىگە يولغا سېلىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
1319979
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، چەت ئەللىك تېررورچىلارنى دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇ دائىرىدە فىرانسىيەلىك 11 تېررورچىنىڭ دۆلىتىگە يولغا سېلىۋېتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.