ئەردوغان لوندوندا ترامپ بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشتى.

ئەردوغان لوندوندا ترامپ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا چاقىرىلغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن يېرىم سائەتكە يېقىن يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق مەلۇمات بېرىپ،  «جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر