ئالتۇن: تۈركىيە ناتودىن كۈتكەندەك قوللاشقا ئېرىشەلمىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا ناتودىن كۈتكىنىدەك قوللاشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالتۇن: تۈركىيە ناتودىن كۈتكەندەك قوللاشقا ئېرىشەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۋىتتېردا ئىنگلىزچە بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ناتوغا بولغان سادىقلىقىغا ۋە قوشقان تۆھپىلىرىگە جاۋابەن، خەۋپسىزلىك ئەندىشەلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن قوللايدىغان ئورتاق خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى تۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«خەلقئارالىق خەۋپسىزلىك مۇھىتى بارغانسېرى ئېنىقسىز بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، بىر قاتار قىيىن قارارلارنى ئېلىشى كېرەك بولغان ناتو مۇھىم يىغىنغا تەييارلىنىۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردا بىخەتەرلىكىمىزگە سېلىنىۋاتقان تەھدىتلەر ئېشىۋاتقان ئەھۋالدا، تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگقا باشچىلىق قىلىنىشقا ياردەم قىلىشقا تەييار. ناتو ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك ئەندىشەلىرىنى چۈشىنىشى، ئېتىراپ قىلىشى ۋە تاكتىكىلىق ھەمدە ھەربىي ھەرىكەتنى ئاساس قىلغان ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشى كېرەك. ئىتتىپاقنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىكى پەقەت ۋە پەقەت ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشەلىرىنىڭ تۈگىشى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا ناتودىن كۈتكىنىدەك قوللاشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ئىتتىپاقتىكى ئىككىنچى چوڭ ئارمىيەگە ئىگە بولغان تۈركىيە، ناتودىكى نۇرغۇن ھەرىكەتلەرگە قاتناشتى. ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەندىشەلىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك قوللاشقا ئېرىشىشنىمۇ كۈتمەكتىمىز.

ناتو ئىتتىپاققا ۋە ئەزا دۆلەتلەرگە قارىتىلغان تەھدىتلەرنى، بۇ تەھدىتلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق بەلگىلەش ئارقىلىق ھەل قىلالىشى مۇمكىن. كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك، تىنچلىق ۋاقتىدا مۇقىملىقنىڭ، ئۇرۇش ۋاقتىدا بولسا، بىخەتەرلىكنىڭ ئۇل تېشىدۇر. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق خەۋپسىزلىك قارىشى ۋە ئەندىشەلىرىنىڭ تېگىشلىك شەكىلدە ئېتىراپ قىلىنماسلىقى، ئىتتىپاقنى ئاجىزلىتىش بىلەن بىرگە، ناتوغا بولغان ئىشەنچنىمۇ ئاجىزلىتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر