چاۋۇشئوغلۇ ئولىۋېر ۋارخېليى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى ئولىۋېر ۋارخېليى بىلەن كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ ئولىۋېر ۋارخېليى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسارى ئولىۋېر ۋارخېليى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن باشچىلىقىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 27 - نويابىردا ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ساداقەت خېتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، 1 – دېكابىر يەكشەنبە كۈنى ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىدى.

ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن باشچىلىقىدىكى كومىتېت 2024 – يىلى 31 – ئۆكتەبىرگىچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

يېڭى كومىتېتتا، تۈركىيە بىلەن يېقىندىن ئالاقىسى بولغان كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسارلىقى ۋەزىپىسىنى ۋىنگېرىيەلىك ئەزا ئولىۋېر ۋارخېليى ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر