ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ يېڭى باشلىقى ئۇرسۇلا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ يېڭى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ يېڭى باشلىقى ئۇرسۇلا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تۈنۈگۈن ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىغان يېڭى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋور دېر لېيېننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسى، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى 18 – مارت كېلىشىمى دائىرىسىدە تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم بېرىلىشى ۋە تۈركىيەنىڭ تەرىپىنىڭ شىمالىدا بەرپا قىلىنغان بىخەتەر رايونغا سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئىختىيارىي ۋە خاتىرجەم ھالدا قايتىشلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر