تۈركىيە گىرېتسىيە بىلەن مىسىرنىڭ باياناتلىرىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي لىۋىيە بىلەن دېڭىز ھوقۇقى دائىرىسى مەسىلىسى بويىچە ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقلارغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئەڭ ئوچۇق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

1315800
تۈركىيە گىرېتسىيە بىلەن مىسىرنىڭ باياناتلىرىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي گىرېتسىيە بىلەن مىسىرنىڭ، تۈركىيە ۋە لىۋىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «دېڭىز ھوقۇقى دائىرىسىنىڭ بەلگىلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم» گە قارىتا ئېلان قىلغان باياناتلىرى توغرىسىدىكى سوئاللارغا يازما جاۋاب بەردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ لىۋىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم ئارقىلىق شەرقىي ئاقدېڭىزدا دېڭىز ھوقۇقى دائىرىسىنىڭ غەربتىكى بىر قىسمىنىڭ بەلگىلەنگەنلىكىنى، بۇنىڭ خەلقئارالىق قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا ئىمزالانغان كېلىشىم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى ئىمزالاشتىن بۇرۇن تەرەپلەرنى ھەققانىيەت رامكىسىدا مۇرەسسەلىشىش ئۈچۈن كۆرۈشۈشكە چاقىرغانلىقىنى ۋە ھازىرمۇ كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىراق، تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق قانۇنغا تايانغان ۋە ھەققانىيەتنى ئاساس قىلغان بۇ ھەرىكىتىگە جاۋابەن كۆرۈشۈشنى باشلاشنىڭ ئورنىغا، بىر تەرەپلىمىلىك قەدەملەر تاشلاندى. لىۋىيە بىلەن ئىمزالانغان يېڭى كېلىشىم، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقلارغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئوچۇق نامايان قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر