تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ياردەم ئەشيالىرى ئالبانىيەگە يېتىپ باردى

ئالبانىيەدە 26 – نويابىردا مەيدانغا كەلگەن 6.3 بال يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئۆي – ماكان گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى ياكى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى.

تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ياردەم ئەشيالىرى ئالبانىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبانىيەدىكى يەر تەۋرەش ۋەقەسىدىن كېيىن ھەرىكەتكە ئۆتكەن تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى رايونغا 120 چېدىر، 2750 يوتقان – كۆرپە ۋە 100 يۈرۈش تازىلىق ئەشياسى ئەۋەتتى؛ رايونغا يېتىپ بارغان ياردەم ئەشيالىرى موھتاج كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلدى.

تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى خادىملىرى بىلەن ئالبانىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسىم ئەسكەرلىرى، دىراچقا قاراشلىق بۇبق يېزىسى ۋە تىراننىڭ ۋورا ناھىيەسىدە يەر تەۋرەشتە ئۆيلىرى تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن چېدىرلارنى قۇردى.

تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئالبانىيە ئىشخانىسى باشلىقى ئانىل كوجابال، يەر تەۋرەشتىن كېيىن 2 يۈك ماشىنىسى ياردەم ئەشياسىنى ئېلىپ ئالبانىيەگە بارغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «ئالبانىيە خەلقىنىڭ يېنىدىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياردەم خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر