ئەردوغان: بۇ لايىھە تۈركىيەنىڭ تىنچلىق پىلانىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ تىنچلىق پىلانىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: بۇ لايىھە تۈركىيەنىڭ تىنچلىق پىلانىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئەدىرنەنىڭ ئىپسالا ناھىيەسىدە ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى MS4  ئۆلچەش ئىستانسىسىدىكى TANAP نى ياۋروپاغا تۇتاشتۇرۇش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «دۆلەتلىرىمىز ۋە رايونىمىز نامىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان تارىخىي بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز.  بۇنىڭ رايونلۇق بىر لايىھە، جۈملىدىن دۆلىتىمىزنىڭ تىنچلىق پىلانى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەن. ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ئەزەربەيجاندىن ياۋروپاغا سوزۇلىدىغان 3 مىڭ 500 كىلومېتىرلىق ئېنېرگىيە كارىدورىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ. 2012 – يىلدىن بۇيان بۇ لايىھەنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىمىز، بۇ سايىدا لايىھەنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمەتلىرى پىلان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىشلىنىۋاتىدۇ. بۇ لايىھە ئارقىلىق 16 مىليارد كۇب مېتىرلىق ئەزەربەيجان تەبىئىي گازىدىن تۈركىيە ۋە ياۋروپانىڭ بەھرىمەن بولۇش ئۈمىدى  رېئاللىققا ئايلاندى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، باشقىلارنىڭ تەھدىتلىرىگە ھەم ھەيۋىلىرىگە قاراپ ئاقدېڭىزدىكى پاراخوتلىرىمىزنى چېكىندۈرمەيمىز. دۆلىتىمىز نە تۈركىيەنىڭ، نە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا ئەسلا يول قويمايدۇ. بۇ دائىرىدە لىۋىيە بىلەن مۇھىم كېلىشىم تۈزدۇق، بۇ كېلىشىمنىڭ باشقا تۈرلىرىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئاقدېڭىزدىكى نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىمىز  ئارقىلىق ئاقدېڭىزدىن قان ئەمەس، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئاقىدۇ.»

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تارىخىي بىر كۈندۇر. ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولۇشىغا تىلەكداشمەن. 7 دۆلەتنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىق رىشتىسى بولغان بۇ لايىھەدىن ھەم تۈركىيە، ھەم ئەزەربەيجان، ھەمدە باشقا دۆلەتلەر بەھرىمەن بولىدۇ.»

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز مۇنداق دېدى: «ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ھەممىدىن بەكرەك مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسى ھېسابلىنىدۇ. <ئىككى تەن، بىر روھ> ئېڭى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە بۇ ئارقىلىق ئەۋلادلىرىنى بىر - بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياج مەسىلىسى پۈتۈنلەي ھەل بولدى. ياۋروپانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن بىز تەييارمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچنى ياۋروپالىق دوستلىرىمىزغا ئامانەت قويىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر