تېررورچىلارنىڭ ئاقچاقەلئەدىكى بىر چېگرا مۇداپىئە پونكىتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى

شانلىئۇرفانىڭ ئاقچاقەلئە ناھىيەسىدىكى بىر چېگرا مۇداپىئە پونكىتىغا قىلىنغان گىراناتامىيوت ھۇجۇمىدا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى.

1314021
تېررورچىلارنىڭ ئاقچاقەلئەدىكى بىر چېگرا مۇداپىئە پونكىتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تۈنۈگۈن ئاقچاقەلئەدىكى بىر چېگرا پونكىتىنىڭ گىراناتامىيوت ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 2 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، گىراناتامىيوت ئېتىلغان جايغا دەل ۋاقتىدا قايتۇرما زەربە بېرىلگەنلىكىنى، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، پ ك ك / ك ج ك ئۈچۈن ئىراقنىڭ سىنجار رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «مېديا ئاگىت» يالغان ئىسىملىك بەرائات ئافشىننى بىر تەرەپ قىلدى.

19 – نويابىردا مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان ئافشىننىڭ ئىسمى، ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىن ئورۇن ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر