تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك تېررورچىلىرىغا زەربە بەردى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك ۋە گارا رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1312693
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك تېررورچىلىرىغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ۋەقە پەيدا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 7 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا يەنە، «تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىمىزنىڭ ئۆزئارا ماسلاشقان ھالدا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ۋەقە تۇغدۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى ۋە رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر