چاۋۇشئوغلۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جىددەدىكى يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئالدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا تۈركىيە ۋە ئەزاسى بولغان ئاسىيا گۇرۇپپىسى نامىدىن سۆز قىلدى.

1312708
چاۋۇشئوغلۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جىددەدىكى يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «غەززە كوچىلىرىدا ئەركىنلىكى ۋە ئابرويىنى قوغداش ئۈچۈن ماڭغان بىر كىچىك بالىدىن تارتىپ قۇددۇسنىڭ ئىشغالى بىلەن ئىرقچى ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان يەكلەشكە تاقابىل تۇرۇۋاتقان بارلىق يىگىت ئەر – ئايال پەلەستىنلىكلەرگە سالام يوللايمەن. سادايىڭلارنى ئاڭلاۋاتىمىز، مىليونلارچە مۇسۇلمان سىلەر بىلەن بىرگە» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا تۈركىيە ۋە ئەزاسى بولغان ئاسىيا گۇرۇپپىسى نامىدىن سۆز قىلدى.

ئۇ، قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشى توغرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مەخسۇس جىددىي يىغىنلارنى چاقىرىشىنىڭ، قولغا كەلتۈرۈلگەن كونكېرت نەتىجىلەرنىڭ بىر قسىمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئاراكانلىقلار، كەشمىرلىكلەر، ئۇيغۇرلار، قىبرىسلىق تۈركلەر، غەربىي تراكيادىكى ئاز سانلىق تۈركلەر ۋە شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ، ئاز سانلىقلارنىڭ ۋە توپلۇقلارنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە ھەق – ھوقۇقلىرىنى ھەممىلا يەردە قوغداش تەشكىلاتىمىزنىڭ ۋەزىپىسىدۇر» دېدى.

تۈركىيەنىڭ بۇ كۈرەشلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بايرىقى ئاستىدا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقىنى ۋە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، «مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار ۋە توپلۇقلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە ئىسلاموفوبىياغا قارشى كۈرەش، تۈركىيە ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر – بىرىگە چېتىشلىق ئىككى مەسىلە» دېدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بويىچە ئۇتۇق تىلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، سۆزىنى «بىر كۈن ئۆز – ئۆزىگە خوجا ۋە مۇستەقىل پەلەستىندە، قۇددۇس شەھىرىدە تەشكىلاتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى يىل ئايلىنىش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىمەن» دەپ ئاخىرلاشتۇردى.

تۈركىيە، 2016 – يىلى ئاپرېلدا مىسىردىن ئۆتكۈزۈۋالغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى نۆۋەتچى باشلىقلىقىنى 2019 – يىلى مايدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر