تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1311118
تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا 4، سىنات – ھافتانىن رايونىدا بىر بولۇپ، جەمئىي بەش قېتىم بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بارغان. ھۇجۇملار نەتىجىسىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، ھۇجۇملار ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇنجەلىدا قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ئالاھىدە قىسىملاردىن تەشكىل تاپقان 2250 ئالاھىدە خادىمنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «قىران – 7 مەنزۇر ۋادىسى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر