ئەردوغان: سۈرىيەدە نىشانىمىز نېفىت مەنبەلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەس

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە نىشانىنىڭ نېفىت مەنبەلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1309036
ئەردوغان: سۈرىيەدە نىشانىمىز نېفىت مەنبەلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپلا قالماستىن، يەنە خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا ۋىجدان بۇرچىنىمۇ ئادا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيەدە بەزى كۈچلەرنىڭ نىشانىنىڭ نېفىتنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەمما بىزنىڭ نىشانىمىز نېفىتنى قولغا كەلتۈرۈش بولماستىن، ئەكسىچە ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر