ئەردوغان: F-35مەسىلىسىدە ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسى داۋاملاشسا، باشقا يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىمىز

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكانىڭ «F-35» مەسىلىسىدە مۇرەسسەلەشمەس پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرغان ئەھۋالدا، تۈركىيەنىڭ باشقا يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1308983
ئەردوغان: F-35مەسىلىسىدە ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسى داۋاملاشسا، باشقا يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AK Parti) نىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى ئۈستىدە توختىلىپ: «كۆرۈشۈشلەردە ئوتتۇرىمىزدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى يىلتىزىدىن ھەل قىلالمىدۇق، ئەمما بۇ مەسىلىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئەسىر ئېلىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىمىزنى پۈتكۈل دۇنياغا كۆرسەتتۇق» دېدى.

ئۇ: « F-35 مەسىلىسىدىكى مۇرەسسەلەشمەس پوزىتسىيە داۋاملاشسا، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن باشقا يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئايرىم ئېيتتۇق» دېدى.

ئۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نى، دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلغان تەشكىلات دەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تىركەشكەنلەرنىڭ، بۈگۈن ئوخشاش تەشكىلاتنىڭ پۇقرالارنى قەتلىئام قىلغانلىقىنىڭ ئۈستىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى دائىرىسىدە كونترول ئاستىغا ئېلىنغان تۇرالغۇ جايلار سانىنىڭ 600 دىن ئاشقانلىقىنى، بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورىستلار سانىنىڭ 1200 گە يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «دۆلىتىمىزگە قارشى تېررورلۇق تەھدىتلىرى پۈتۈنلەي يوقالغىچە، تېررورىستلارغا قارشى كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ تۈزگەن كېلىشىمىمىز بويىچە بېكىتىلگەن رايونلارنى تېررورىستلاردىن پۈتۈنلەي تازىلىمىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىدا» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر