ئەردوغان: بىزنىڭ نىيىتىمىز نېفىت ئەمەس، بەلكى ئىنسان

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە مەۋجۇت بولۇش سەۋەبىنىڭ، نېفىت ئەمەس بەلكى ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1308495
ئەردوغان: بىزنىڭ نىيىتىمىز نېفىت ئەمەس، بەلكى ئىنسان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك ئىستانبۇل خەلقئارا مۇپەتتىشلىك كونفېرانسىدا سۆز قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ يىللاردىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن ئىقتىسادىي تۇزاقلىرىغىچە بولغان نۇرغۇن تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، قەددىنى تىك تۇتۇپ مەۋجۇت بولۇشتا ۋە كۈچىنى ئىزچىل ئاشۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۇنيادا تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە ياكى مۇساپىرلارغا ئەڭ كۆپ ياردەم قىلغان دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بەزىلەر نېفىت بۆلۈشۈشنىڭ پىيىدە، بىزنىڭ ئالدىمىزغىمۇ بۇنى قويدى. بىز <نىيىتىمىز نېفىت ئەمەس > دېدۇق، بىزنىڭ نىيىتىمىز ئىنسان...» دېدى.

ئۇ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ھەرگىزمۇ بومبىلارغا يەم قىلىپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۈگۈن سالغان تاملىرىنىڭ كەينىدە ھېچنىمىدىن غىمى يوق ئەركىنلىك ۋە پاراۋانلىق تىياتىرى ئوينىغانلار، ئەتە ساراي-قەلئەلىرى بېشىغا يىقىلغاندا، باشقا كىشىلەرنىڭ نېمىلەرنى ھېس قىلغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر