ئىراقنىڭ گارا رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1307609
ئىراقنىڭ گارا رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ھاۋا ئارمىيەمىز تەرىپىدىن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»  

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «پەنچە – 3» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىدىكى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، تېررورچىلارنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقى، ھۇجۇم نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 5 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلگەنىدى: «تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشىمىز ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر