ئەردوغان: ئۆسۈم نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىجتىمائىي پارۋانلىق ئورگىنى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدىكى توپكاپى يىغىلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن، فاتىھ، سىلىۋرى، توپكاپى ۋە زەيتىنبۇرنۇ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەركەزلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، % 13.5 كە تۆۋەنلىگەن ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى، 2020 – يىلى پۇل پاخاللىقىنىڭ بىر خانىغا چۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ يىل تۈركىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 50 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، يېقىندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلغان زىيارىتىمىز ھەم ئۇچرىشىشلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بولۇپمۇ ئېرىشكەن ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە زەپەرلىرى ھەمدە تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز مۇنداق مۇھىم بىر ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويماقتا: ئەزىز خەلقىمىز بىر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانىشقا ئىشەنگەن ھامان چوقۇم نىشانىغا يەتمەي قالمايدۇ.»