قالىن: «س - 400 » ۋە « F-35» ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشكە باشلىدۇق

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ۋە « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مەسىلىسى توغرۇلۇق خىزمەت ئىشلەشكە باشلىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1307522
قالىن: «س - 400 » ۋە « F-35» ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشكە باشلىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن «‹ TRT Haber › تېلېۋىزىيە قانىلى» نەق مەيداندىن تارقىتىش پىروگراممىسىدا بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «ئاقسارايدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە تەرەپتىن مەن، ئامېرىكا تەرەپتىن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبراين بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىندۇق. بۈگۈندىن ئېتىبارەن بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلەشكە باشلىدۇق. بۇ خىزمەت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ئەمەس، ئەكسىچە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر سەۋىيەسىدە داۋاملىشىدۇ. <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئىلاۋە قىلىنماستىن مۇستەقىل ھالدا ئىشلىتىلىدۇ. تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ، بۇ ئىككى سىستېما بىر - بىرىگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەستىن ئىشلىتىلىدۇ. تۈركىيە <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدۇ، بۇنى جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغانمۇ ئامېرىكا زىيارىتى ئەسناسىدا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بايان قىلدى.  بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىغا قىلغان زىيارىتىمىزنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى، دېيىشكە بولىدۇ.»

ئۇ يەنە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يانۋارنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر