ئەردوغان: كوردلار بىلەن پ ك ك بىر ئەمەس

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قاتارلىق بىر قىسىم ئامېرىكا دائىرىلىرى «كورد» دەۋاتقان گۇرۇپپىنىڭ ئەسلىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

1306164
ئەردوغان: كوردلار بىلەن پ ك ك بىر ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ئېلىپ بارغان ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان يىغىن چاقىردى، بۇ يەردە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ كوردلارنى قېرىنداش دەپ قارايدىغانلىقىنى، جۈملىدىن  تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ نوپۇسى كوردلاردىن تەشكىل تاپىدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما دەۋرىدە سۈرىيەدىن تۈركىيەگە 350 مىڭ كوردنىڭ كۆچكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە سىلەرنىڭ كورد دەۋاتقىنىڭلار پ ك ك – پ ي د – ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر. (ترامپ ئىلگىرى گېنېرال دەپ تىلغا ئالغان) مەزلۇم كوبانى ئىسىملىك تېررورچى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىبېشىنىڭ مەنىۋى پەرزەنتىدۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى،  سۈرىيە چېگراسىدا شەكىللەندۈرۈش پىلانلىنىۋاتقان <بىخەتەر رايون> غا 6  ئايدىن 2 يىلغىچە بىر مىليون كۆچمەننى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلىرىمىز/لايىھەلىرىمىزمۇ تيياردۇر.»

كېيىنچە  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ترامپ قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر