ئالتۇن: ئامېرىكا بىلەن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىشقا تەييارمىز
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىشقا ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكىمىزنى كۈچەيتىشكە تەييارمىز» دېدى.
1305252
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن تىۋىتتېردىكى خۇسۇسىي ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن بۈگۈن كەچتە ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن بۇرۇنقى سۆزلىرى ئەسناسىدا ئەردوغان بىلەن ترامپ، ئورتاق ئەندىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشتى. ھەرئىككىسى كۈچلۈك تۈرك – ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ قىممىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. يېڭى بىر سەھىپە ئېچىشقا ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكىمىزنى كۈچەيتىشكە تەييارمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.