جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئاقسارايدىكى كۆرۈشۈشى باشلىدى.

1306060
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئاقسارايدا دونالد ترامپ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى؛ سۆھبەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئىككى رەھبەر مۇخبىرلارغا قىسقىچە بايانات بەردى. ئەردوغان تەپسىلىي باياناتنى ئايرىم ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن كۇپايىلەندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان دوست ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن دونالد ترامپ، «تۈركىيە – سۈرىيە چېگراسىدا قىلغان ئىشى» ئۈچۈن ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ يېقىندا (سۈرىيەدە) دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى 100 دىن ئارتۇق تېررورچىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

«تۈركىيە بىلەن سودا ھەجىمىمىزنى ئاشۇرىمىز» دېگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋالغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى س – 400 بىلەن ف-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى لايىھەسى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئارقىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىنتى دونالد ترامپ ئاقسارايدا بىر سائەتتىن ئارتۇق ئايرىم سۆھبىتىدىن كېيىن ھەيئەتلەر ئارا مۇزاكىرىلەر باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر