تۈركىيەنىڭ «شەرقىي ئاقدېڭىز – 2019 – يىللىق داۋەت (چاقىرىق) مانېۋىرى» داۋام قىلماقتا

تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىقى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «شەرقىي ئاقدېڭىز – 2019 – يىللىق چاقىرىق (داۋەت) مانېۋىرى» 15 دۆلەتنىڭ 47 پاراخوتى ۋە 4700 ئەسكىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا.

1303809
تۈركىيەنىڭ «شەرقىي ئاقدېڭىز – 2019 – يىللىق داۋەت (چاقىرىق) مانېۋىرى» داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەرئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان 22 – نۆۋەتلىك مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى، ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ مۇغلانىڭ مارمارىس ناھىيەسىدىكى ئاقساز دېڭىز ئارمىيە بازىسىدىن ئايرىلىشى بىلەن باشلىدى.

دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «شەرقىي ئاقدېڭىز – 2019 – يىللىق چاقىرىق مانېۋىرى» ئارقىلىق دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ۋە  ناتوغا بايان قىلىنغان تۈرك ئالاھىدە تەييار ھالەتتىكى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەشىق قىلدۇرۇلۇشى نىشان قىلىنماقتا.

مانېۋىرنىڭ ئىككىنچى كۈنى يەر تەۋرەش خەۋپى ئاستىدا پورتتىن چىقىش مەشقى بىلەن باشلىدى؛ پورتتىن چىققان پاراخوتلار، دېڭىز، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن كېلىش ئېھتىمالى بولغان تويۇقسىز ھۇجۇملار، بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرى ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى قىسىملارنىڭ بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر