ئەردوغان ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۈرىيەلىك مۇساپىرلار توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەدە 8100 كۋادرات كېلومېتىر جاينىڭ بىخەتەر ھالەتكە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۈرىيەلىك مۇساپىرلار توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بەشتەپەدە غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىشىنىڭ 81 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلدى؛ ئۇ، سۈرىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەر ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن جايلارغا قايتىش ئىرادىسىنىڭ شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھازىرغىچە 365 مىڭ سۈرىيەلىكنىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

نىشانلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى بارلىق سۈرىيەلىكلەرنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، بۇنىڭ پىلانلىرىنىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە ئۇۋىلىرى بىتچىت قىلىۋېتىلگەن ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ قاچىدىغان تۆشۈك تاپالمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «سۈرىيەدە مېنىڭ ئىشىم يوق بولسا، سۈرىيەنىڭ بىزنىڭ زېمىنىمىزدا نېمە ئىشى بار؟ مېنىڭ ئەسكەرلىرىم شېھىت بولمايۋاتامدۇ؟ ئۇ (ي پ گ / پ ك ك) ئۇ يەردە تۇرۇپ ئوق چىقىرىدۇ، بىز تېگىشلىك جاۋابنى بەرمەي قاراپ تۇرامدۇق؟ مىللىي ئىرادىنى تىز پۈكتۈرۈش ئۈچۈن قوللىرىدىكى ئاشكارا – يوشۇرۇن بارلىق ۋاسىتىلەرنى سەپەرۋەر قىلىشتى، ئەمما مۇۋەپپەق بولالمىدى» دېدى.

يېقىنقى كۈنلەردىكى ئوسمانلىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان قارىلاش ۋە تۆھمەتلەر ھەققىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، «ئوسمانلىدا ئوقۇش – يېزىش نىسبىتى بەك تۆۋەنمىش. ئوسمانلىنىڭ ئۆز قورال سانائىتى يوق ئىمىش. ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خەلقلەرگە زۇلۇم سېلىنغانمىش. بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغاندۇر، تۆھمەتتۇر. تۈركىيە دۈشمەنلىكى ئۈچۈن ماتا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئۆتمۈشلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن، زۇلۇم بىلەن بېزەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۆزلىرىنى دەل ئەكسىچە ھېكايىلەر بىلەن بازارغا سېلىشقا ئۇرۇنۇشىۋاتىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ساكاريادىكى تانكا تاپىنى زاۋۇتىنىڭ سېتىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «دۆلىتىمىزنى 2023 – يىللىق نىشانلىرىغا يەتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر. ئاتاتۈركنى چۈشىنىشمۇ، خاتىرىلەشمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ، گەپ بىلەن ئەمەس» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر