ئەردوغان ئاتاتۈرك ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 81 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 81 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

ئەردوغان ئاتاتۈرك ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 81 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېگراممىسىدا، غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنى، ۋاپاتىنىڭ 81 – يىلىدا ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ يۇقىرى باھاسىغا نائىل بىر لىدىر بولغان غازىنى مىللىي ئىرادىگە ئاشىق بىر زات، بىر ئىنسان سۈپىتىدە ياشلىرىمىزغا ۋە پەرزەنتلىرىمىزگە ئاڭلىتىشىمىز؛ ئۇ باشتىن كەچۈرگەن قىيىنچىلىقلارنى ۋە قىلىنغان مىسلىسىز كۈرەشنى ئۇنتۇماستىن، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە ئىستىقبال (كېلەچەك) يولىدا ياندۇرۇلغان مەشئەلنى يېڭى ئەۋلادلارغا ئامانەت قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

تۈرك مىللىتىنىڭ، شېھىتلەرنىڭ قانلىرى ۋە غازىلارنىڭ پىداكارلىقلىرى ئارقىلىق مۇداپىئە قىلىنغان بۇ ۋەتەن ۋە بايراقنى ئاداققىچە مۇھاپىزەت قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ، ئۆتمۈشىدىن ئالغان كۈچكە تايىنىپ پۈتكۈل توسقۇنلۇقلارغا قارىماي دادىل قەدەملەرنى تاشلاپ ئىلگىرىلەش ۋە زورىيىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان تېلېگراممىسىدا يەنە، «كېلەچەككە قاراپ ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ كۈچلۈك ئۈمىد بىلەن، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان بىزلەرمۇ بۈگۈن غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ <ئەڭ كاتتا ئەسىرىم> دېگەن جۇمھۇرىيىتىمىزگە ئىگە چىقماقتىمىز، دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ يۈكسەك پەللىلەرگە يەتكۈزىدىغان قەدەملەرنى ئىزچىل ھالدا تاشلىماقتىمىز. بۇ پىكىرلەر بىلەن ۋاپاتىنىڭ 81 يىللىقىدا جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك ۋە سەپداشلىرى بىلەن ۋەتىنىمىز يولىدا پىداكارلىق بىلەن شېھىت ۋە غازى بولغان پۈتكۈل قەھرىمانلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم رەھمەت ۋە سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر