تۈركىيە مىقياسىدا ئاتاتۈرك ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 81 يىللىقى خاتىرىلەنمەكتە

تۈركىيە مىقياسىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 81 يىللىقى تەبرىكلەنمەكتە.

تۈركىيە مىقياسىدا ئاتاتۈرك ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 81 يىللىقى خاتىرىلەنمەكتە
10 kasim anma5.jpg
10 kasim anma4.jpg
10 kasim anma3.jpg
10 kasim anma2.jpg
10 kasim anma1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدىكى رەسمىي مۇراسىملارنىڭ تۇنجى ئادرېسى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى بولدى؛ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى دۆلەت ئەربابلىرى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلىپ، گۈلچەمبىرەك قويدى ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى مەخسۇس دەپتىرىگە كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلپ، «ئازادلىق ئۇرۇشىمىزنىڭ باش قوماندانى، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى، تۇنجى جۇمھۇر رەئىسىمىز غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنى ئاخىرەتكە سەپەر قىلىشىنىڭ 81 – يىلىدا يەنە بىر قېتىم سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز. مەرھۇم ئاتاتۈرك ۋە سەپداشلىرى بىلەن مىڭ يىلدىن بۇيان بۇ زېمىنلارنى بىزگە ۋەتەن قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان پۈتكۈل شېھىتلىرىمىزنىڭ ۋە غازىلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ئەسلىمىلىرى مىللىتىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ. ئۇنىڭ ئامانىتى بولغان جۇمھۇرىيىتىمىزنى مەڭگۈ ياشنىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۈچەيتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. روھىڭىز شاد بولسۇن!» دەپ يازدى.

ئاتاتۈرك بۇ دۇنياغا كۆزىنى يۇمغان ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىمۇ ئەتىگەندىن تارتىپلا زىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى؛ ئۇزۇن ئۈچرەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن خەلق ۋە ئوقۇغۇچىلار، ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇردى، مۇستەقىللىق مارشى ئوقۇدى، ئاتاتۈركنىڭ كارۋىتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئاق – قىزىل گۈللەرنى قويدى.

تۈركىيە مىقياسىدا بولسا، خەلق ئاتاتۈرك بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان مىنۇتتا يەنى سائەت 09 دىن 05 مىنۇت ئۆتكەندە ھۆرمەت بىلەن سۈكۈتتە تۇردى، يوللاردىكى قاتناش ۋاسىتىلىرى توختىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر