تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى تۇرمۇشنى ئىزىغا چۈشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا

سۈرىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايونلاردا تۇرمۇشنى ئىزىغا چۈشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.

تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى تۇرمۇشنى ئىزىغا چۈشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا
tsk asker.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا پ ك ك / پ ي د ئەزاسى تېررورچىلار كومگەن 331 مىنا ۋە 891 يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچنىڭ بىتەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرىمۇ داۋام قىلماقتا؛ تېررورچىلار يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە زەمبىرەك ۋە گىراناتامىيوتلارنى ئىشلىتىپ رايونغا جەمئىي 16 قېتىم ھۇجۇم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر